باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ بىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز توشۇغۇچى پويىزى ئۆرۈلۈپ كەتتى

2014.02.07 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ بىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز توشۇغۇچى پويىزى 5-فېۋرال سەھەردە رېلىستىن چىقىپ كېتىپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېقىپ كەتكەنلىكتىن ئوت كەتتى. بەختكە يارىشا ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى.

  ۋەقە يۈز بەرگەن جاي موسكۋانىڭ شىمالىغا تەخمىنەن مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنستىرلىقى ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرى قاتارلىقلار دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى تۇرالغۇ ۋە بىر بولكا زاۋۇتى، شۇ يەردىكى 400دىن ئارتۇق ئاھالە ۋە بولكا زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى تارقىتىۋېتىلدى ھەمدە ۋاقىتلىق جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ۋەقەدە ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى، نۇرغۇن يولۇچىلار پويىزى كېچىكتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر