باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر مۇرسىنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى دېلوسىنى سوراق قىلىشنى كېچىكتۈردى

2014.02.17 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر قاھىرە جىنايى ئىشلار سوتى 16-فېۋرال سوت ئىچىپ سابىق پىرېزىدېنت مۇرسى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى دېلوسىنى سوراق قىلدى. مۇرسى سوراق قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ۋە ئادۋۇكاتلار ئۆمىكى ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكدىن، سوت ئەڭ ئاخىرى بۇ دېلونى سۇراق قىلىش ۋاقتىنى 23-فېۋرالغا كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  2013-يىلى 7-ئايدا، مىسىر ئارمىيە تەرەپ مۇرسىنى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلالمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇنى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. مىسىر سوت مەھكىمىسى ئارقىدىن مۇرسىنى 15 كۈن تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، مۇرسى جاسۇسلۇق، تۈرمىدىن قېچىش، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە كۈشكۈرتۈش قاتارلىق كۆپلىگەن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىدى، تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى ئارقا-ئارقىدىن ئۇزارتىلدى، نۆۋەتتە، مۇرسىنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەش قاتارلىق دېلوسى سوراق قىلىش تەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر