سۈرەتتە : يىتەكچى ئوقۇتقۇچى پاراۋانلىق مەركىزىدە تەربىيەلىنىۋاتقان بالىلارغا دەرس تەكرارلاپ بەرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتۇش شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، ئۆلۈپ كەتكەن، مېيىپ، بېقىش ئىقتىدارى يوق 350تىن ئارتۇق قارىغۇچىسى يوق بالىلارنى يىغىپ سىستېمىلىق، ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئۇلارغا چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.