- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 19 – فېۋرال ئېلان قىلىنىدۇ
2014.02.18 14:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 19 – فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16دە ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(www.xjzs.edu.cn//:http)، شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى تورى (www.xjedu.gov.cn//:http)دىن نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشۇمچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇندىن ئىمتىھان قەغىزىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن. ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ۋاقتى 24 – فېۋرالدىن 26 – فېۋرالغىچە بولىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازمىچە ئىلتىماس قىلىشى ۋە كىملىكى بىلەن ئىمتىھان بېرىش كېنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسىنى تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر