باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بۈگۈندىن باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىدۇ

2014.02.14 18:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جون كېررى 14-فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ كېررىنىڭ ئۆتكەن يىلى دۆلەت كاتىپى بولغاندىن بۇيان 2-قېتىم جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى، بۇ ھەم ئۇنىڭ 5-قېتىملىق ئاسىيا سەپىرى. بۇ قېتىملىق سەپەردە ئۇ جۇڭگودىن باشقا يەنە كورىيە، ھىندۇنىزىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدۇ.

  جۇڭگودىكى زىيارەت جەريانىدا، كېررى جۇڭگو تەرەپ بىلەن يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئونىتىش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، ئىران، سۇرىيە مەسىلىسى، كېلېمات ئۆزگىرىشى، پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىش ئۈمىدىدە ئىكەن.

  بۇ يىل جۇڭگو-ئامېرىكا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى بولۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىر قانچە قېتىم ئۇچرىشىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر