باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تۇنجى پۇل مۇئامىلە يەرلىك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلىدۇ

2014.02.17 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەت بويىچە تۇنجى پۇل مۇئامىلە يەرلىك بەلگىلىمىسى بولغان ۋېنجۇ شەھىرى ئەل ئارىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى 3-ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى توغرىسىدا ھازىر جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنماقتا.بۇ كونكرېت بەلگىلىمىنىڭ تۈزۈلۈشى ئەمەلىيەتتە ئەل ئارىسىدىكى قەرز پۇل ئېلىشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى جاكارلاش.

  جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىڭ زۇنيەن مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى ئەسلىدە يەر ئاستىدىكى قالايمىقان ھەر خىل خېيىم خەتەر يوچۇقى بولغان ئەل ئارىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتى يەر ئۈستىگە چىقىرىلدى ھەمدە مۇۋاپىق بەلگىلىمە تۈزۈلۈپ،ئەل ئارىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەقىقىي ئېنىقلاشتۇرۇلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا نىزام ۋە تەپسىلىي پرىنسىپتا خېيىم خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە قانۇنى مەسئۇلىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمە چىقىرىلدى. بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ۋېنجۇ شەھەرلىك پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇنداق دېدى: مەجبۇرىي ئەنگە ئېلىش تىزىملاش تۈزۈمى ئەل ئارىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ھەل قىلىدۇ، ئاممىغا چېتىلىدىغان قىلمىش بولغان ھامان بىز باشقۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ قانۇن تەتۈر يۆنىلىشلىك چەكلىمىنى تۈزەشكە ئىلھام بېرىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ئۈچ تۈرگە ئۇيغۇن كەلسىڭىز، كېلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىز نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەلگىلىك مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇشىمىز، ئېلان چىقىرىشىمىز ھەمدە جازا بېرىشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر