باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش ساقچىلىرى تارماقلىرى يېزىلاردا بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى

2014.02.18 14:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، دوست – بۇرادەر، ئۇرۇق – تۇغقانلار يىغىلىشلىرى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدا بازارغا بېرىپ مال سېتىۋېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر كۆپىيىپ، يېزىلاردا دائىم يۈك ئاپتوموبىللىرىدا يولۇچى توشۇش، يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇپ يولۇچى توشۇش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يېزىلاردا بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، شوپۇرلارنى ئاپتوموبىل ھەيدەش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئەسكەرتتى.

  قاتناش ساقچىلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: مىنىبۇس ھەيدىگۈچىلەرنىڭ يولۇچىلارنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ سېلىشى، مىنىبۇسقا يولۇچىلار بىلەن يۈكنى بىللە ئېلىپ مېڭىشى، يۈك ئاپتوموبىلى، تىراكتور ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ يولۇچى توشۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. يېزا – بازار يوللىرىدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، پىيادىلەرگە يول بېرىشى كېرەك.

  يېزىلاردا تاشيوللارنىڭ دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بىخەتەر مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس. قاتناش ساقچىلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يولغا چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، ئاپتوموبىل جىددىي ئايلانما، دۆڭ قاتارلىق خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىگە يېقىنلاشقاندا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ھەم سىگنال بېرىش، دۆڭدىن چۈشكەندە خالاستايدا ماڭدۇرماسلىق، دۆڭگە چىققاندا ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىپ، جىددىي ماي كىلاپانىنى دەسسەشتىن، يۇقىرى سۈرئەتتە دۆڭگە چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  يېزا تاشيوللىرىدا پىيادىلەرنىڭ يولنى كېسىپ ئۆتۈش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. قاتناش ساقچىلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يېزا يوللىرىدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، دىققەتنى يىغىپ، تۆۋەن سۈرئەتتە ئاستا ھەيدەش، يول ئېغىزى ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، تورمۇزلاشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، ھادىسە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  قاتناش ساقچىلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارى، ئاپتوموبىل قۇرۇلمىسىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، قانۇنغا خىلاپ يولۇچى توشۇماسلىقى ۋە يولۇچى بىلەن يۈكنى بىللە توشۇماسلىقى كېرەك. يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەندە، بىخەتەر ئاپتوموبىل سۈرئىتىدە ھەيدەش، ئاپتوموبىلنىڭ يانچە موللاق ئېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جىددىي ئايلانما، تىك داۋانغا كەلگەندە، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، رولنى قاتتىق بۇراپ، جىددىي تورمۇزلاش، جىددىي تورمۇزلاپ تۇرۇپ ئايلىنىش، قارشى يۆنىلىشتىكى يولدىن ئاپتوموبىل يانداش قاتارلىقلاردىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر