باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغى جۇغلاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدۇ

2014.02.17 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆپلىگەن جايلار شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغى جۇغلاش ئۆلچىمىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەنخۇي ئۆلكىسى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنى جۇغلاش ۋە مالىيە تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى ئۇدا بەش يىل ئۆستۈردى. يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنى جۇغلاش ئۆلچىمى 2008-يىلى ھەر بىر كىشىنىڭ يۈز يۈەن ئۆستۈرۈلدى؛ 2014-يىلى 390 يۈەن ئۆستۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مالىيە تولۇقلىما ئۆلچىمى 2008-يىلى ھەر بىر كىشىنىڭ 80 يۈەندىن 320 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەق تاپشۇرۇش تولۇقلىمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. 2014-يىلى ھەر بىر كىشىنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمىنى 320 يۈەنگە ئۆستۈردى.

  تيەنجىن شەھىرىنىڭ شەھەر يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھۆكۈمەت تولۇقلىما ئۆلچىمى بۇ يىل يىلىغا ھەر بىر كىشىنىڭ 420 يۈەندىن 520 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ ، ھەر بىر كىشىگە 100 يۈەن قوشۇپ بېرىلدى. شەخسلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققى يىلىغا بىر ئادەمنىڭ ئون يۈەن كۆپەيتىلدى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشى مەبلەغ جۇغلاش ئۆلچىمى ئۆتكەن يىلىدىكى 680 يۈەندىن بۇ يىل 1000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى داۋالاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسى تەدبىر بەلگىلەش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى پۇ ۋېي ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋالاش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشى تىز ئىلگىرى سۈرۈلدى. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كاپالەت سەۋىيىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تولۇقلىما ئۆلچىمى 2008-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن 80 يۈەندىن 2013-يىلىدىكى 280 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. 2015-يىلى بۇ ئۆلچەم ھەر بىر كىشىنىڭ يىلىغا 360 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش سەۋىيىسىمۇ مۇناسىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا ھۆججەت تارقىتىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى ھەر قايسى ئۆلكىلەر شەھەر يېزا ئاھالىلىرى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىناق خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلايدۇ. ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مەبلىغى ھازىرقى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقى يەنى شەھەر بازار ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندى، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش فوندىدىن ئاجرىتىلىپ، سودا سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىدىن سۇغۇرتىنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئاممىنىڭ شەخسى ھەق تاپشۇرۇش يۈكى كۆپەيتىلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر