خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-فېۋرال، خېبېي خېڭشۇي 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قەسەمياد رىغبەتلەندۈرۈش تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ئوقۇغۇچىلار تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ۋە ئازادە كەيپىيات ئىچىدە 100 كۈندىن كېيىن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يۈزلەندى. سۈرەتتە تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىقتىكى 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى «تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىققا مەدەت»دېگەن خەت شەكلىنى چىقىرىپ، 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا مەدەت بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈپ، سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.