باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، بازارلىرىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىنىدۇ

جاڭ شىنيۈ

2014.02.27 16:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 5 مىليون 750 مىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىلدى

  مۇخبىر: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى قانداق؟

  ياڭ يۇڭ: 2013 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليون 750 مىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى يېڭىدىن تارقىتىلىپ، جەمئىي تارقىتىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى 5 مىليون 750 مىڭغا يەتكۈزۈلۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئاپتونوم رايونىمىزغا چۈشۈرگەن ۋەزىپە، نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر، بازارلاردىكى سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاپلىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ‹‹سىرداش كارتىسى››، ‹‹قولاي كارتىسى››غا ئايلاندى. يېزىلارنىڭ يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارغا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى تاماملاندى.

  مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئۇل سۇپا قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

  ياڭ يۇڭ: 2011 – يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن تەخمىنەن 45 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تور مۇلازىمىتى سۇپىسى ۋە قاتتىق دېتال ئەسلىھەسى يانداش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئەسلىدىكى داۋالىنىش كارتىسى(كېنىشكىسى)غا ئالماشتۇرۇپ، كېسەل كۆرسىتىش، دورا سېتىۋېلىش خىراجىتىنى كارتا سېرىپ تۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا داۋالانغاندا كارتا سېرىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كېيىنكى قەدەمدە مەملىكەت بويىچە ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) ئاتلاپ داۋالانغاندىمۇ كارتا سېرىپ ھېسابات قىلىشقا ئاساس سېلىندى.

  ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە باشقا جايلاردا داۋالانغاندا كارتا سېرىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  مۇخبىر: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ قانداق ئىقتىدارلىرى بار؟

  ياڭ يۇڭ: ھازىر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جاي ياكى باشقا جايلاردا داۋالانغاندا كارتا سېرىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىنى ئېلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش – ئىشتىن قېلىشنى تىزىملاش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى كەسىپلىرىنى بېجىرگەندە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىرى ئومۇميۈزلۈك ھازىرلاندى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىش بىخەتەر، قولاي بولغانلىقتىن، تەدرىجىي داۋالىنىش كارتىسى(كېنىشكىسى)نىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر، بازارلاردىكى سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن قاپلاندى. بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئەسلىدىكى داۋالىنىش كارتىسى(كېنىشكىسى)نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كارتا تارقىتىلغان رايوندىكى سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئايلاندى، پۇقرالار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بېجىرىشنى بەس – بەستە ئىلتىماس قىلدى.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلاردا داۋالانغاندا كارتا سېرىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلىش خىزمىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. 2013 – يىلى يانۋاردىن دېكابىرغىچە 236 مىڭ ئادەم/قېتىم باشقا جايلاردا داۋالانغاندا كارتا سېرىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلدى، داۋالىنىش خىراجىتى 675 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) ئاتلاپ داۋالانغاندا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلىش سىناق قىلىنىدۇ

  مۇخبىر: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ھازىرقى ئىشلىتىلىش ئەھۋالى قانداق؟

  ياڭ يۇڭ: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارى سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشىدىكى مۇھىم شەكىلگە ئايلاندى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارى ئارقىلىق سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش – تاپشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش – تاپشۇرۇش رەسمىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق ئورۇندالدى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھىرلىنىش ئارقىلىق، باشقا ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)لەردە داۋالانغاندا كارتا سېرىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلىش ۋە ئورۇنلار(ساھەلەر) ئارىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇشقا ئاساس سېلىندى. ھازىرقى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن شەنشىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ باشقا جايلاردا داۋالانغاندا كارتا سېرىپ ۋاقتىدا ھېسابات قىلىشى سىناق قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بانكا قۇرۇلۇشى بىرلەشمە تورى بىلەن سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھىرلىنىپ، ج خ ئورۇنلىرىدىكى 2 – ئەۋلاد كىملىك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتى، بانكىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سانلىق مەلۇماتىنى ئىجتىمائىي كاپالەت ھەممىبات كارتىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بىر تۇتاش تور سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، تارماقلار ئارىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھىرلىنىشتىكى توسالغۇ تۈگىتىلىپ، تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹12 – بەش يىل››دا 11 مىليون 500 مىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىشنى پىلانلىدى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى توغرىلاش ۋە كارتا سانلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارغا تارقىتىلىشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇق تارقىتىدۇ؛ شەھەر، يېزىلاردىكى سۇغۇرتىلانغۇچىلارغا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىش خىزمىتىدىكى يۇچۇقلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان پەيتنىڭ ئۆزىدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىمۇ بىللە ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر