باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى دەرىجە ئاتلاپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىشنى، قانۇنغا ۋە دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزىيەتلەرنى قوبۇل قىلماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇردى

2014.02.26 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەرزىيەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى رايون ۋە تارماقلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  (6)رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەرزىيەتلەرنى قوبۇل قىلىش، تۆۋەنگە بېرىپ ئەھۋال ئۇقۇش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش، تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئۇقۇشىنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن بىۋاستە ئالاقە باغلىشىدىكى مۇھىم تۈزۈم قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئالاقە باشلاش نۇقتىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەر يېرىم يىلدا ئاز دېگەندە بىر كۈن، شەھەر-نازارەت دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەر پەسىلدە ئاز دېگەندە بىر كۈن، ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) رەھبىرىي كادىرلىرى ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر كۈن، يېزا-بازار (مەھەللە) رەھبىرىي كادىرلىرى ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر كۈن ئەرزىيەت-كۈتۈۋېلىش سورۇنىغا بېرىپ، رايون تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش، دەرىجىسى بويىچە مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئەرزگە كەلگەن ئاممىنى قوبۇل قىلىشى، ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت تارماقلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ئادەتتە دەرىجە ئاتلاپ قىلىنغان ئەرزىيەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. بېكىتىلگەن ئورۇندا ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇقتىلىق كېلىشىپ ئەھۋال ئۇقۇشۇش، مەخسۇس تېمىلىق ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش، دىلو بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئۇقۇشۇش، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئەھۋال ئۇقۇشۇش، رەھبەرلەر دىلونى ئۈستىگە ئېلىپ بىجىرىشتەك ئۇسۇللارنى تېخىمۇ كۆپرەك قوللىنىپ، مەمۇرىي بايلىقنى زور، گۇمانلىق، قىيىن، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى نەتىجە-خاتالىقلارنى سىناش، سىياسەت چارىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشكە مەركەزلىك ئىشلىتىش لازىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر