خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى :يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۇتقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى 10مىڭ 200موغا، پارنىك سانىنى 2224 گە ، ئوتتۇرچە كىرىمىنى 8500يۈەنگە يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئوچا، بېھىشباغ، ئۇزۇن، چىمەن قاتارلىق يېزا ، بازارلاردىكى مىڭدىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئۆز تەۋەسىدىكى كۆكتات، گۈل ئۆستۈرۈش پارنىكلىرىدا مايسا كۆچۈرۈش، گۈل قەلەمچىسى تىكىش، مايسىلارنى پەرۋىش قىلىش ، ھوسۇلىنى يىغىشتىن سېتىپ چىقىرىشقىچە بولغان ۋاقىت خارەكتېرلىك ھالقىلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىقا پائال يېتەكلەپ، پارنىكچىلارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى يەڭگىللىتىش بىلەن بىرگە ھەر بىر ئېشىنچى ئەمگەكچىنىڭ يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8000- 10000يۈەنگىچە كىرىم قىلىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بەردى. (كۇچا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن نىياز راخمان خەۋىرى)
سۈرەتتە: 24- فېۋرال بېھىشباغ يېزىسىنىڭ چىنىباغ كەنتىدىكى ئېشىنچى ئەمگەكچىلەر گۈل پارنىكىدا گۈل كۆچۈرمەكتە.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى