باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، يىغىندا «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسى»قاراپ چىقىلدى

2014.02.27 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-فېۋرال دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، زامانىۋىي كەسپى مائارىپ قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇدى، يىغىندا «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: كەسپى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستراتېگيەلىك تەدبىرى، ئىسلاھات تەپەككۇرى بىلەن كەسپىي مائارىپنى ياخشىلاش ــ ئەمگەك كۈچى قوشۇنىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سانائەت ساپاسى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چوقۇم سۈپەتنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازىمەت تەرەققىياتىنى يېتەكچى قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى تولۇق قوزغاپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى كەسپىي مائارىپقا جەلىپ قىلىپ، تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش ھەمدە ئىجتىمائىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن ماس كەلگەن، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەربىيەلەش چوڭقۇر جىپسىلاشتۇرۇلغان زامانىۋىي كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىنژېنىر، يۇقۇرى دەرىجىلىك تېخنىك ۋە يۇقۇرى ساپالىق كەسپىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ، ياشلار ئۈچۈن مۇۋاپپەقىيەت يولى ئېچىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق ۋە جابدۇق جەھەتتىكى بازار رىقابەت كۈچىنى، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كەسپىي ئورۇنلار ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ــ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كاپالىتى، يىغىندا «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسى» قاراپ چىقىلدى. لايىھەدە خىزمەت ئورنى تەسس قىلىش، ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ۋە رىقابەت ئارقىلىق خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامى، مۇكاپاتلاش ـ جازالاش تالاش ـ تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق كادىرلار ئىشلىرىنىڭ ئاساسلىق ھالقىلىرىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. يىغىن قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قىلىپلاشتۇرۇش، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، كىرەلەيدىغان ـ چىقالايدىغان، ئۆرلىيەلەيدىغان چۈشەلەيدىغان ئادەم ئىشلىتىش مىخانىزمى تۈزۈپ چىقىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر