باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىرلىق تۆت قىز ھەربىي تەرەپنىڭ «پاكلىق تەكشۈرۈشكە» ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارلىدى

2014.02.26 11:20        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 21 ـ فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە مىسىرلىق تۆت قىز بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەجبۇرىي « پاكلىق تەكشۈرۈشىگە» ئۇچرىغان. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىدى. تاراتقۇلار بۇنىڭغا باھا بېرىپ، «پاكلىق تەكشۈرۈش»نىڭ قايتا ئەۋج ئېلىشىدىن ئەنسىرەپلا قالماستىن، «دېموكراتىك ئىنقىلاب»نىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرىشى، مۇبارەك دەۋىرىدىكى « ۋەھىمە كەيپىياتىنىڭ» قايتا كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تۆت قىز ئالدىنقى يىلى 12 ـ ئايدا ھەربىي تەرەپكە قىلىنغان نارازىلىق پائالىيىتىدە قولغا ئېلىنغان. ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدا ئۆزلىرىنىڭ قاماقتا «پاكلىق تەكشۈرۈشكە» ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىغان. بۇ خەۋەر شۇ يەرلىك ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

  يېقىندىن بۇيان مىسىر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ قىيناشقا ئۇچرىغانلىقى توغىرىسىدىكى خەۋەر كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بۇنىڭغا قارىتا مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىم بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچى تەرەپتە جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە قىيناش قىلمىشى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر