باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جېجياڭ، جياڭشى، ئەنخۇيدا يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇشى سىياسىتى يولغا قويۇلغىنىغا بىر ئاي بولدى

ئىككى بالىلىق بولۇشقا يول قويۇلغاندىن كېيىن ئىلتىماسلار توپلىنىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى

2014.02.26 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-، 18-، 23-يانۋار، جېجياڭ، جياڭشى، ئەنخۇي « يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇشى سىياسىتى»نى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويغان

  « يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇشى سىياسىتى» يولغا قويۇلغان بىر ئاي ئىچىدە، جياڭشى نەنچاڭ شەھىرى « يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش»قا دائىر جەمئىي 127 ئىجازەتنامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان، 300 پارچىگە يېقىن ئىلتىماس تاپشۇرۇۋالغان. خېفېي شەھىرى تاپشۇرۇۋالغان 200 پارچىگە يېقىن 2-بالىلىق بولۇش ئىلتىماسىدىن يىگىرمىسىگىلا ئىجازەتنامە بەرگەن. خېفېي شەھىرى شۇشەن رايونى پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ ليەنچۈن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «ھەر كۈنى خىزمەت ۋاقتىدا مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ناھايىتى كۆپ كېلىدۇ، بىراق ھەقىقىي ئىلتىماس تاپشۇرىدىغانلار ناھايىتى ئاز» دېدى. ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجوۋ شەھىرى بويىچە جەمئىي 1203 پارچە ئىلتىماس تاپشۇرۇۋېلىنغان، بۇنىڭ 338 پارچىسى تەستىقلىنىپ بولغان، گەرچە سان جەھەتتە باشقا ئىككى شەھەردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ۋېنجوۋ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانىنىڭ مۆلچەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋېنجوۋ شەھىرىدە جەمئىي 28 مىڭچە ئائىلە يېڭى سىياسەتكە ماس كېلىدىكەن، يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى تېلېفون ئارقىلىق ئېلىپ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئاران %50 ئەتراپىدىكى «يالغۇز پەرزەنت ئائىلىلەر» يەنە بىر پەرزەنتلىك بولۇشنى ئېنىق پىلانلىغان. بۇندىن بۇرۇن ئەنخۇي ئۆلكىلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، سىياسەت يولغا قويغان شەرت ئاستىدا يەنە بىر پەرزەنتلىك بولۇشنى خالايدىغان تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-ئايالنىڭ نىسبىتى ئاران %60 ئەتراپىدا ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر