تورخانىلار چۆلدەرەپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە ، بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭىدىن ئېچىلغان بىر بايلار تورخانىسى يەنىلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى .
ئىگىلىنىشىچە ، بېيجىڭنىڭ سەنلىدۇندا ئېچىلغان بۇ بايلار تورخانىسىغا تۇنجى قېتىم كىرگەن كىشى تورغا چىقىش كارتىسىغا 5000 يۈەن پۇل سالسا ، بىر سائەتلىك تورغا چىقىش ھەققى 69 يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدىكەن ؛ 10 مىڭ يۈەن سالسا ، بىر دوستىنى ئېلىۋالسا بولىدىكەن ، بىر سائەتلىك تورغا چىقىش ۋاقتى 59 يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدىكەن ؛ 30 مىڭ يۈەن سالسا ، ئۈچ دوستىنى ئېلىۋالسا بولىدىكەن ، بىر سائىتى 39 يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدىكەن ؛ 50 مىڭ يۈەن سالسا بەش دوستىنى ئېلىۋالسا بولىدىكەن ، ھەر سائەتلىك تورغا چىقىش ھەققى 29 يۈەن بويىچە ھېسابلىنىدىكەن .