باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىدە روشەن پەرق يوقلۇقى كۆرسىتىلدى

2014.02.19 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يېزا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن شەھەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىدە روشەن پەرق يوق ئىكەن.

  بۇ خۇلاسە مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇچۇر مەسلىھەتى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزىنىڭ 5 يىلغا يېقىن شەھەر نوپۇسى ۋە يېزا نوپۇسىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش مەلۇماتىدىن كەلگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پەرق چوڭ بولماسلىقنىڭ ئاساسىي سەۋەبى يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆز قارىشىنىڭ پۇختا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاكتىپلىقىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن بولغان؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپى ۋە ئىقتىدارىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەچكە، جاپاغا چىدامچان، ئەستايىدىل يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى تاللىغان؛ شۇنىڭدەك دۆلەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاراتقۇلار ۋە جەمئىيەت كەڭ دىققەت قىلىۋاتقان يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىىپ، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (جاۋ ئانا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر