باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىكى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

ئاساسىي ئېتىزلار بېكىتىلىشى بىلەنلا، مەڭگۈلۈك قوغدىلىدۇ

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ خالىغانچە ئىگىلىۋېلىشى ۋە ئىشلىتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ

2014.02.20 19:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىكى «تېرىلغۇ يەرنى ئەڭ قاتتىق قوغداش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى يەر باشقۇرۇشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئورتاق مەسئۇل بولۇش، ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ۋە ئىجتىمائىي نازارەت مىخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىش، 1 مىليارت 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى مەھكەم ساقلاش، تېرىلغۇ يەر ئەمەلىي كۆلىمىنىڭ تۈپ مۇقىملىقىغا، سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، شەھەر تەرەققىيات چىگراسىنى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز ۋە ئېكولوگىيەلىك قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق بېكىتىش لازىم. شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەر كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كېڭەيتىش زۆرۈر تېپىلغاندا، تۇتاشتۇرۇش شەكلى، گۇرۇپپىلاش شەكلى، بالا شەھەر شەكلىنى قوللىنىپ، ئالىي سۈپەتلىك ئېتىزلاردىن ئەگىپ ئۆتۈش لازىم. يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش پىلان كۆرسەتكۈچلىرىنى تەدرىجىي ئازايتىش، شەرقىي قىسىم رايونلارنى، بولۇپمۇ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونى قاتارلىق 3 چوڭ شەھەر توپى قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش كۆلىمىنى نۇقتىلىق كونترول قىلىش، تېرىلغۇ يەر زاپاس بايلىقى يېتەرلىك بولمىغان رايونلار تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش كۆرسەتكۈچىنى مۇناسىپ ھالدا ئازايتىشى لازىم. پىرىنسىپ جەھەتتىن، تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرلەر ۋە ئاممىۋىي ئۇل مۇئەسسەسىلەرگە ئىشلىتىدىغان يەرلەردىن باشقا، نوپۇسى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا يېڭىدىن قۇرۇلۇش يېرى كۆپەيتىلمەيدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر