- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
26 ئۆلكە ئاپتونوم رايون مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئورنىتىلدى
2014.02.20 16:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى دوۋ يۈپېي 19-فېۋرال گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغى بەرپا قىلىنىپ، ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا يولۇققاندىكى ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
دوۋ يۈپېي مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تۆۋەن كاپالەت تۈزۈمى يەرلىكتىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.بىراق ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا قىسمەن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇرمۇشى يەنىلا قىيىنچىلىقتا ئۆتمەكتە. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جايلارنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر