ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى: بۇلتۇر ئاشلىق، پاختىدىن ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئالغان كۇچا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىغا بالدۇر ئاتلاندى. 18- فېۋرالغىچە ناھىيە بويىچە 36مىڭ 534توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، 6636 توننا كۈنجۈر، 3596توننا يوپۇق، 27.5توننا دېھقانچىلىق دورىسى، 242 توننا يازغى بۇغداي ئۇرۇقى، 14 توننا مايلىق دان زىرائەت ئۇرىقى تەييارلاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۇختا تەييارلىق قىلدى.
سۈرەتتە: 18- فېۋرال چىمەن بازىرىدىكى دېھقانلار خىمىيەۋى ئوغۇتلارنى ئاپتوموبىلغا باسماقتا.