باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى ئۆلكە ــ مىنىستىر دەرىجىلىك مۇھاكىمە كۇرسىدا مالىيە ــ باج ئىسلاھاتىدا بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ھالقىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2014.02.20 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 19-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئۆلكە ــ مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ـ ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، مالىيە ــ باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇلاھىزە تېمىسىدا دوكلات بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، خامچوتنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاش، باج يېغىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىش ھوقۇقى ۋە راسخوت مەسئولىيىتىنى ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مالىيە ــ باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنولارنى تەكىتلىدى: مالىيە ـ باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئېنىق پىلانى، ۋاقىت جەدۋىلى بولۇشى كېرەك. بۇ يىل ۋە كېلەر يىل مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى ئاچقۇچلۇق پەيت. بىز قىينچىلىقتىن، خەتەردىن قورقماي، نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، مالىيە ــ ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تىجەپ، بارلىق ئىشلاردا تىرىشچان ـ ئىقتىسادچان بولۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مەبلەغ جۇغلانمىسىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇلنى دەل جايىغا خەجلىشىمىز لازىم. ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ئۇللۇق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش، ئىلمىيلاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مالىيە ـ باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا، ئىقتىساد ـ جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر