باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ي ئە ئى زىمبابۇۋىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇردى

2014.02.20 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت مەھكىمىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ھىندى ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى 19-فېۋرال خارارىدا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى زىمبابۇۋىي پىرېزىدېنتى مۇگابى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىدىن سىرت زىمبابۇۋىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ زىمبابۇۋىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، زىمبابۇۋىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېموكراتىك ئىسلاھات جەھەتتە كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئويلاشقان، بىراق جازانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرماسلىقتىكى سەۋەب زىمبابۇۋىنىڭ ئىسلاھاتىدا يەنىلا بوشلۇق بولغانلىقىدىن بولدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ كىشلەرگە قارىتا ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە سەپەر قىلىشنى مەنئىي قىلىش ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئۇلارغا شەخسىي ھېساب ئېچىپ بېرىشنى مەنئىي قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر