باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىدا ئېنېرگىيەگە كۆڭۈل بۆلۈش مۇراجىئەت قىلىندى

2014.02.20 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 68–نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ رەئىسى ئاش 18-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇ، سەھىيە ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە كرىزىسى گەۋدىلىك دۇنيا تەرەققىيات مەسىلىسى، 2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى بېكىتكەندە بۇنى ئوبدان ئويلىشىش كېرەك.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 68-نۆۋەتلىك يىغىنىدا شۇ كۈنى « 2015-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىدىكى سۇ، سەھىيە ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە» ئاساسىي تېمىسىدا ئاشكارا مۇنازىرە ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، دۇنيادا ھازىر 783 مىليون ئادەم پاكىز سۇ ئىچەلمەيدىكەن، 2 مىليارد 500 مىليون ئادەم مۇۋاپىق سەھىيە ئەسلىھەسى كەمچىل شارائىتتا ياشايدىكەن، بىر مىليارد 400 مىليون ئادەم توك ئىشلىتەلمەيدىكەن. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتتە سۇ بايلىقى جىددىي كەمچىل بولۇۋېتىپتۇ. كىشىلەر سۇ، سەھىيە ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيەنىڭ نۇرغۇن تەرەققىيات نىشانىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر