باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىدۇ

2014.02.20 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى 20-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، «ئەڭ قاتتىق تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى يەر باشقۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى قەتئىي ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سان-سۈپەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش لازىم. «ئۇقتۇرۇش»تا شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چېگراسى قاتتىق بېكىتىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقلارنى قاتتىق بېكىتىش ۋە مەڭگۈ قوغداش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقلارنى بېكىتىشتە كەلگۈسىدىكى ئىككى، ئۈچ يىلدا ئۈچ قەدەم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىز ئالدى بىلەن 5 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بولغان، كونترول قىلىنىدىغان كۆلەملەشكەن، ناھايىتى ئاسان ئىگىلىنىۋېلىنىدىغان يەرلەرنى ئايرىمىز، 2- قەدەمدە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىنىدىغان يۈزدىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرى بار شەھەرنى تەييارلايمىز، 3-قەدەمدە پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر