باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ بەشىرنى چەتكە قاقتى

2014.02.20 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 13 – فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ 13 – فېۋرال ب د ت ۋە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ئىبراھىمىغا ھۆججەت يوللاپ، بەشىر بولمىغان ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇش ئارقىلىق سۇرىيە ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېگەن: بۇ ھۆججەتتە ئۇرۇشتىن كېيىنكى سۇرىيە ۋەزىيىتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، سۇرىيەدىكى ھەممە قەبىلە دېگۈدەك ئۆتكۈنچى دەۋرگە قاتنىشىدىكەن. لېكىن، بۇ ھۆججەتتە بەشىر تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ نۇقتا 2012 – يىلى ئىيۇندا ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەر ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى كېلىشىمگە ئاساسەن، مەمۇرىي ھوقۇققا ئىگە ئۆتكۈنچى ئاپپارات قۇرۇش ھەمدە بۇ ئاپپاراتنىڭ ئارمىيە ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى تىزگىنلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن، بەشىرنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلىنمىغان.

  ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بىر دىپلومات مۇنداق دېگەن: ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ بەشىرنى تىلما ئالماسلىقى، ئۇلارنىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ بەشىرگە تاقابىل تۇرۇشىتىكى ئەڭ ياخشى چارىسى بولۇشى مۇمكىن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكۈنچى ئاپپارات سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ئاپپارات بولىدىكەن.

  بۇ ھۆججەتتە بەشىر نېمە ئۈچۈن تىلغا ئېلىنمىدى؟ دېگەن سوئالغا سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى بەھرا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: بىز بەزى بىر كىشىلەرنى سۇرىيەنىڭ بىردىنبىر ئوبرازى دەپ قارىۋالساق بولمايدۇ. بۇ توغرىسىدا ئالاھىدە قانۇنىي ھۆججەتنىمۇ يوللىدۇق. بۇ ھۆججەتنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئادەم سىياسىي ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ سۇرىيەنىڭ يېڭى دېموكراتىيەسىگە ئاساس سالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر