باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

2014.02.20 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررى 14 – فېۋرالدىن باشلاپ، جۇڭگونى زىيارەت قىلدى. بۇ دەل غەرب ئەللىرىنىڭ «ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى» كۈنىگە توغرا كەلدى.

  يېقىندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى مۇنداق دېگەنىدى: كېررى جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ئاكتىپ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىشلىرىدا پائال رول ئويناپ، تىنچ گۈللىنىۋاتقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

  كېررىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ ياكى توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟ كېررىنىڭ «ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى» مەزگىلىدە جۇڭگونى زىيارەت قىلىشى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچماقچى بولغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

  2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر قانچە قېتىم «يېقىن مۇناسىۋەت» دەۋرىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتەك ئادالەت ئۇرۇشىدا مۈرىنى مۈرىگە تېرىگەنىدى. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم قىلغان، جۇڭگومۇ ئاسىيا جەڭ مەيدانىدىكى ئۇرۇشتا ئۆچمەس غەلىبىلەرنى قۇچۇپ، دۇنياغا تۆھپە قوشقان.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا پېتىپ قالغان ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىختىلاپىنى ئازايتقان. 70 – يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى نورماللاشقان. بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو ئىچكى سىياسەت ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشىنى تەڭشەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مۇھىم، دەپ بىلىشكە باشلىغان. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرىغا پايدىلىق بولغان. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «شېرىن ئېيى» ئون يىلغىچە داۋاملاشقان.

  يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە جىددىي ۋەزىيەت كۆرۈلگەن. «11 – سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلانغان. كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا بولغان قاتتىق پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىجابىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا باشلىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن مۇداپىئەلىنىش ۋە جۇڭگونى تىزگىنلەش سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپمۇ، جۇڭگودىن نەپ ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئىككى تەرەپ سىياسىي، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇقىم،پىشىپ يېتىلگەن دەۋرگە كىرگەن.

  ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئاننېنبېرگ قورۇقىدا يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات بۈگۈنكى دەۋردىكى ئىككى چوڭ تېما. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ھازىر، ئامېرىكا شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىكى، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپ ۋە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قوغداش يالغۇز جۇڭگونىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس. ئامېرىكىدا ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن مەنمەنچىلىكتىن ئىبارەت « قوش ئۆلچەم» مەۋجۇت بولسىمۇ، شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى كۆلەملەشتى، جۇڭگو دۇنيادا تېخى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى. جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەمەلىي مەنپەئەتكە ئىدېئولوگىيەلىك بىر تەرەپلىمە قاراش تەسىر كۆرسەتسە تازا ئاقىلانە بولمايدۇ. بولۇپمۇ، دۇنيا ۋە رايون مەسىلىلىرى كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا، خېلى كۆپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان سىياسىتىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكى ھازىرمۇ مەۋجۇت، جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشى ئامېرىكىنى مۇرەككەپ ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويدى. لېكىن، جۇڭگو خەلقئارالىق تەرتىپ بويىچە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇ تەرتىپ ھېچكىمگە تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگىلا ھۆرمەت قىلىدىكەن، جۇڭگومۇ ئامېرىكا بىلەن ھەرگىز دۈشمەنلەشمەيدۇ. ئەگەر، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىشى جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ «تەقلىدىي دۈشمەن» نى تىزگىنلەش بولىدىغان بولسا، بىر قانچە يىلدىن كېيىنكى ئەمەلىيەت شۇنى ئاشكارىلايدۇكى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ «جۇڭگو تەھدىتى» نەزەرىيەسىنى پەيدا قىلىپ، غوجامنىڭ تايىقى بىلەن باشقىلارنى قورقۇتۇش ئويۇنى ئامېرىكا ئۈچۈن ھەقىقىي ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدۇ. سىرتماقتىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟ بۇ ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ قارارى ۋە جاسارىتىگە باغلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر