باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2014.02.18 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي مۇساپىسىگە لايىقلىشىپ، مەمۇرىيەتنى ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ فونكسىيەسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت ئىشىلىرى، ئىقتىساد-جەمئىيەت-مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئۆز ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە، دۆلەت، جەمئىيەت ئىشلىرى باشقۇرۇشنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرتىپلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار قاتناشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر تەدبىر. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر