باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوڭچىللىشىشىغا بولغان ئەندىشىسى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتى(1)

2014.02.20 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتايىن ئوڭچىللىشىشىغا بولغان ئەندىشىسى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتى. ئابىشىنزونىڭ يېقىن ئادەملىرى 19-فېۋرال ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىنىڭ ئابىشىنزونىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغانلىقىغا نارازى بولدى.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە كابىنېتى باش ۋەزىر ياردەمچىسى ئېتو سېيئىچى يېقىندا قىزىق نۇقتىلىق ۋىدېئو تور بېكىتىدە دۆلەت سىياسىتى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئابىشىنزونىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش ھەرىكىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەيدانىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، دېدى.

  ئېتو سېيئىچى ۋىدېئودا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئابىشىنزونىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشىغا يول ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەن ۋاشىنگتوندا بېرىپ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ياردەمچىسى لاسسىر قاتارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئابىشىنزونىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش ئىشىنى ئۇقتۇرۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم. 12-ئاينىڭ باشلىرىدا مەن يەنە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئابىشىنزونىڭ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن بۇنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، قارشى تۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم.

  ئېتو سېيئىچى قاتارلىق ياپونىيە رەھبەرلىرى ئامېرىكىنى ئىندەككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق ئابىشىنزو ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۇنجى بولۇپ بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر