- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى ئاياغ بومبا تەھدىتىدىن ئېھتىيات قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى
2014.02.20 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا قوشما شتاتلىق ھۆكۈمىتى 19-فېۋرال ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى ئامېرىكىغا ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا قارىتىلغان ئاياغ بومبا تەھدىتىدىن ئېھتىيات قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قوشما شتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قىسمەن ئەمەلدارلىرى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: ئەڭ يېڭى مەلۇماتتىن قارىغاندا ئامېرىكىغا ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا قارىتىلغان ھۇجۇم قىلىش تەھدىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا پارتلىغۇچنى ئاياغقا يوشۇرۇش ۋاسىتىسى قوللىنىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ئالاقىدار ئاخبارات مەلۇماتى مەلۇم بىر دۆلەت، نۆۋەتچى ئايروپىلان، ۋاقىت ياكى ھۇجۇم قىلىش پىلانىغا قارىتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن، 19-فېۋرال ئەتىگەندىلا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشنى قارار قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر