باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ ليەن جەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.02.19 16:33   مەنبە: خەلق تورى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ليەن جەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

  2-ئاينىڭ 18-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى ليەن جەن ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن تەيۋەن ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 18-چېسلا چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى ليەن جەن ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن تەيۋەن ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاقنىڭ «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە» دېگەن ئىدىيەگە ئەمەل قىلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتكە كېلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى قىرغاق ئاممىسىغا بەخت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تارىخىي ۋە رېئالىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە ئاسانلىقچە ھەل بولمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا، لېكىن ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرى، قانداشلىققا، ئورتاق مەدەنىيەتكە، ئورتاق ئارزۇغا ئىگە، بۇ ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەشتىكى مۇھىم كۈچ. (ۋۇ يامىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…
      ·باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسز دەرستىن سىرتقى پائالىيەتتىن بەھرىمان بولىدۇ
      ·پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…