ماتېرىيال سۈرەت: 2013-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى ليەن جەن ۋە تەيۋەن ھەرساھە زاتلىرى زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسىخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى فەن لىچىڭ 17-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئىككى قىرغاق تىنچ تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ لىدىرى ليەن جەن تەيۋەن ھەرساھە زاتلىرى زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ 17-چېسلادىن 20-چېسلاغىچە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ليەن جەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. (چى شياڭخۈي، چېن جيەنشىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى