ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: بۇلتۇر 221مىڭ 500مودىن ئارتۇق چىلانلىق باغدىن مول ھوسۇل ئالغان كۇچا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل چاغاندىن كېيىنلا چىلانلىق باغلارنىڭ ئەتىيازلىق چاتاش پەرۋىشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى، ئۇلار 18- فېۋرالغا قەدەر 150مىڭ مودىن ئارتۇق باغدىكى چىلان كۆچەتلىرىنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە چاتاپ، بۇ يىلمۇ چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.
سۈرەتتە: 18- فېۋرال بېھىشباغ يېزىسىنىڭ كالا فاڭزا كەنتىدىكى دېھقانلار چىلان كۆچەتلىرىنى چاتاپ شەكىلگە كىرگۈزمەكتە.