باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى ئاممىغا قانداق نەپ يەتكۈزدى؟(1)

2014.02.19 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئاخىرقى ۋاقىت جەدۋىلىگە قارىغاندا، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، مەملىكەت بويىچە بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى باشلايدىكەن.

  ھازىرغا قەدەر مەملىكەت بويىچە 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، 130 نەچچە شەھەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويغان. ئۇنداقتا شەھەر بازارلاردىكى ئاھالىلار بۇنىڭدىن قانچىلىك نەپكە ئېرىشتى؟ سىناق نۇقتىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشى بىلەن كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ھالىتى ئوڭشىلامدۇ؟

  گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر مەملىكەت بويىچە 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى 290 مىليون شەھەر يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان. 2013-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن جەمئىي 630 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلگەن.

  ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى 2012-يىلى 8-ئايدا باشلانغان بولۇپ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 6 مىنىستىرلىق كومىتېت تارقاتقان «شەھەر يېزا ئاھالىلىرى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى خىزمىتىگە دائىر يىتەكچى پىكىر»دە، يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ياكى شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش فوندىدىن بىر قىسىم مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئېغىر كېسەل بولغان بىمارلارنىڭ خىراجىتىنىڭ قالغان قىسمىنى ئاتچوت قىلىپ، كېسەل بولۇش سەۋەدىن نامراتلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئېنىق بېكىتىلگەن.

  نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولماقتا. ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تونۇشى يېتەرلىك بولماسلىق، تارماقلارنىڭ فونكسىيەسىنى تەڭشىشى دەل جايىغا كەلمەسلىك، شەھەر يېزىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئايرىم بولۇش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ھەرقايسى سىناق نۇقتىلىرىنىڭ ئىلگرلىشى بىردەك بولمىدى. ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار تېخى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويمىدى. يولغا قويغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭمۇ كۆپ قىسمى بەلگىلىك دائىرىدە سىناق قىلدى، ئايرىملىرى بىر قىسىم ناھىيە، رايون قاتلىمىدا سىناق نۇقتىسىنى يولغا قويدى. بىر قىسىم شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى يولغا قويۇلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئەمدىلا يولغا قويۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

  جايلارنىڭ تۈزۈم ئورنىتىشىمۇ ھەر خىل بولماقتا. تاشقى ئىقتىساد ئونىۋېرسىتىتى سۇغۇرتا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى دوكتور ۋاڭ ۋەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو سۇغۇرتا شىركىتى يېقىندا تەشكىللىگەن ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تەتقىقاتىغا قاتانشقاندا شۇنى بايقىدىمكى، ھازىر 20 نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسىنىڭ 20 نەچچە خىل لايىھەسى باركەن، ئۆلكىلەر ئارا، ئۆلكە ئىچىدىكى ھەرقايسى شەھەر، ئوبلاستلار ئارا، شەھەر يېزا ئاھالىسى بىلەن دېھقانلار ئارىسىدا پەرق باركەن. بۇ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  بىر تۇتاش پىلانلاش قاتلىمى تەكشى ئەمەسكەن. جىلىن، چىڭخەي، گەنسۇ، شيەندۇڭ ئولكىسى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويغان، بۇنىڭدىن باشقا زور كۆپ قىسىم ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى رايونلىرى شەھەر دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويغان. يەنە ئايرىم يەرلەر ناھىيە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر