باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى زەھەر سېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، جاۋابكار لىن سېنخاۋ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2014.02.19 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شاڭخەي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى زەھەر سېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، جاۋابكار لىن سېنخاۋ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى.ئىگىلىشىمىزچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خۇاڭ Xنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە شاڭخەيگە كەپتۇ. بۈگۈن خۇاڭ Xنىڭ دادىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «مەن شاڭخەيگە بەش قېتىم كەلدىم، ھەممىسىلا ئوغلۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن» دېدى. ئۇ «جانغا جان ئېلىش»تا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، سوتتا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنمىسا، جەزمەن نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (لى نەننەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر