باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تېلېگرافى ۋە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ باھانى مونوپول قىلىۋېلىش دېلوسى بىر تەرەپ قىلىندى

2014.02.19 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 19-فېۋرال دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، 2011-يىلى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جۇڭگو تېلېگرافى ۋە جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىشىنىڭ باھانى مونوپول قىلىۋېلىشقا چېتىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان، نۆۋەتتە تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى«مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ۋەدىسى بويىچە ئۆزگەرتكەن ــ ئۆزگەرتمىگەنلىكى، ئالاقىدار ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرى ۋە مونوپوللۇققا ئالاقىدار ھەرىكەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى تۈگەتكەن تۈگەتمىگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى باھالايدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىدۇ.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىككى شىركەت ئايرىم ئايرىم 2012-يىللىق ۋە 2013-يىللىق ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ئۆتكەن يىلى 23-دېكابىر ۋە بۇ يىل 7-يانۋار جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىشى ۋە جۇڭگو تېلېگرافى ئايرىم ئايرىم ئەڭ يېڭى تۈزىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئىككى چوڭ شىركەتنىڭ تۈزىتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى جۈملىدىن خەۋەرلىشىش سۈپىتىنىڭ بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئاشقانلىقى، جۇڭگو تېلېگرافى بىلەن جۇڭگو تۆمۈر يول خەۋەرلىشىشى تايانچ تورىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ سىغىمچانلىقىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقى شۇنداقلا باھاسىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكى، ئىنتېرنېت تورى مەخسۇس لىنىيەسىنى ئۇلاش ھەققىنى باشقۇرۇشنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغانلىقى، ئىستېمالچىلارنىڭ تورغا كىرىش سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكى، ئىدارىلەرنىڭ كەڭ بەلۋاغ تور باھاسىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تونۇشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر