باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باھا قانۇنىغا خىلاپ دېلودىن 34 مىڭ 400ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2014.02.19 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 19-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك باھانى نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش ۋە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى باھا قانۇنىغا خىلاپ تۈرلۈك دېلودىن 34 مىڭ 400 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 3 مىليارد 125 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي جازا بەردى.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2014-يىلى ھەر دەرىجىلىك باھانى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلىق باھا مەسىلىسى شۇنداقلا بايلىق، مۇھىت ئاسراش باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدۇ ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى كۈچەپ يۈرگۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش بازارلار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئىشلارنى قەتئىي ئېنىقلاپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قانۇنغا خىلاپ يولغا قويۇش قىلمىشلىرىنى مەنئىي قىلىپ ۋە جازالاپ، زور دېلولارنى پائال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئادىل رىقابەتنى قوغدايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سودا بانكىلىرىنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسىگە قارىتا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، باھانى باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ قالايمىقان ھەق ئالغان 64 سودا بانكىسى تارماق ئاپپاراتىغا 825 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە سودا بانكىسىنىڭ ھەق ئېلىشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سودا بانكىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ھەققىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان كونكرېت چارىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، سودا بانكىلىرىنى ۋاسىتىلىك كەسىپلەردە باھانى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بەرپا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر