باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلار بىمارلار بىلەن قىزىل بولاق بەرمەسلىك ۋە ئالماسلىق كېلىشىمنامىسى تۈزىدۇ

2014.02.21 11:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا «دوختۇرخانا بىلەن بىمارنىڭ «قىزىل بولاق» بەرمەسلىك ۋە ئالماسلىق كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاش خىزمىتى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا 2014-يىلى 1-مايدىن باشلاپ، داۋالاش ئاپپاراتى بىلەن دوختۇرخانىغا ياتقان بىمار «دوختۇرخانا بىلەن بىمار ئىككى تەرەپنىڭ قىزىل بولاق بەرمەسلىك ۋە ئالماسلىق كېلىشىمنامىسىنى» ئىمزالاش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردىن جەزمەن يولغا قويۇش، باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن تەقلىد قىلىپ ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى. «ئۇقتۇرۇشتا» مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: داۋالاش ئاپپاراتى بىمار دوختۇرخانىغا كىرىپ 24 سائەت ئىچىدە، داۋالىغۇچى دوختۇر ئارقىلىق بىمار ياكى بىمارنىڭ ۋەكىلىگە «دوختۇرخانا بىلەن بىمارنىڭ قىزىل بولاق بەرمەسلىك ۋە ئالماسلىق كېلىشىمنامىسىنى» بېرىدۇ. ھەمدە سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىدۇ. 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلار جۈملىدىن بالنىست بار ئانىلار بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىلىرى، مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى قاتارلىقلار بۇنى جەزمەن يولغا قويىدۇ، باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەقلىد قىلىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر