باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى كاتالوگىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلدى

2014.02.21 17:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈر سانىنى بېكىتىش، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى يەنىمۇ بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئۈستىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن تۆنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى تىزىملىكىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى قارار قىلدى. گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى تارماقلار يېقىندا تور بېكىتىدە ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە ساقلاپ قالغان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئاشكارىلىشى لازىم. ئاشكارىلايدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە: تۈر رەت نومۇرى، تەستىقلايدىغان تارماقلار، تۈر نامى، تەسىس قىلىش ئاساسى، تەستىقلاش ئوبيېكتى ۋە جەمئىيەتتىكى ساھەلەردىن مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە پىكىر ئېلىشقا دائىر كونكرېت ئۇسۇل قاتارلىقلار. ھەرقايسى تارماقلار ئايرىم-ئايرىم ئاشكارىلىغاندىن كېيىنكى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە گوۋۇيۈەن تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئىشخانىسى جۇڭگو ئورگان شتاتى تورىدا ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنىڭ خۇلاسە تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت تورىمۇ خۇلاسە تىزىملىكىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېلان قىلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر