باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«باھار يامغۇرى» زامانىۋى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى توخسۇن دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىيەت «ئۇسسۇزلۇقى» نى قاندۇردى

2014.02.20 19:50   مەنبە: خەلق تورى

«باھار يامغۇرى» زامانىۋى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى توخسۇن دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىيەت «ئۇسسۇزلۇقى» نى قاندۇردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 17- فېۋرال ئەتىيازنىڭ خۇش – بۇي ھېدى قاپلىغان،ئاپتاپ پارلاپ چىققان توخسۇن ناھىيەسىدە ئەتىگەن سائەت توققۇزلاردا ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەركىزى بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردە شۇ كۈنى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ گۈزەللىك قۇرۇلۇشى كىيىم – كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتاتتى، غولبويى يېزىسى غولبويى كەنتىدىكى تىككۈچى رىزۋانگۈل ھەمدۇللانىڭ كىيىم – كېچەك يايمىسىغا ئولىشىۋالغانلار خېلىلا كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ تىككەن كىيىملىرى ئىچىدە ئەتىرگۈل شەكلى چۈشۈرۈلگەن پىلاتا يوپكا، ئەتلەس كۆينەكلەر، ھەرخىل دوپپىلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. كۆرگەزمىگە يەنە توخسۇن ناھىيەسىنىڭ شاھ، ئىلانلىق، بوستان قاتارلىق يېزا، بازارلىرىدىكى داڭلىق تىككۈچىلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىمۇ قويۇلغان بولۇپ، زامانىۋى مۇراسىم كىيىملىرى، سەھنە كىيىملىرى، بالىلار كىيىملىرى، ھەرخىل ئەرەنچە كىيىملەر پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنىدى.

  ـــ ناھىيەمىزدە كىيىم – كېچەك تىكككۈچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار خېلى كۆپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشقانلىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى نەمۇنىلار،- دېدى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پەرىزە سېتىۋالدى،- بىز بۇندىن كېيىن تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللارنى تېخىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىغا ماركا ئىلتىماس قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ بازارغا كىرىشىگە، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىغا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايمىز.

  كىيىم – كېچەك كۆرگەزمىسىدىن كېيىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەركىزى تىياتىرخانىسىدا تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك غېجەك چېلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. توخسۇن، پىچان ناھىيەسى ۋە تۇرپان شەھىرىدىن كەلگەن 20 ماھىر مۇسابىقىگە چۈشتى، ئاخىرى توخسۇن ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى پېنسىيىنورى ئەخمەت ماھمۇت گۇرۇپپىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، 2 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە «پاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن توخسۇن ناھىيەسى غولبويى يېزىسىدا 2 – نۆۋەتلىك دېھقانلار مارافونچە يۈگىرەش مۇسابىقىسى باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مارافونچە يۈگىرەش مۇسابىقىسىغا ھەرمىللەت ئەر- ئاياللىرىدىن بولۇپ 680 كىشى قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقە مۇساپىسى 6 كلومېتر ئىكەن. مۇسابىقە جەريانىدا يول بويىدىكى كىشىلەر ماھىرلارغا توختىماي مەدەت بېرىۋاتاتتى.

  ـــ بىز يېزىمىزىدىكى دېھقانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن ئەتىياز كىرىشى بىلەنلا ھەربىر كەنتتە بىردىن پائالىيەت بولۇش تەلىپى بويىچە دېھقانچىلىق ساۋادلىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، ۋاسكېتبول ئويناش، مارافونچە يۈگۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدۇق، نەتىجىدە دېھقانلارنىڭ قىزغىنلىقى مۆلچەردىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولدى، زامانىۋى مەدەنىيەت دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيتتى، - دېدى يېزىلىق پارتىكوم شۇجىسى ياڭ ۋېي.

  شاھ يېزا قارا سۇ كەنتىدە 17 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن ھەرقايسى كەنتلەر بويىچە ئارغامچا تارتىش، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى قىزىپ كەتكەنىدى. ئارغامچا تارتىش ھەرقايسى كەنتلەردىكى كۈچتۈڭگۈر نودەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە بولسا، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ياشلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سورۇنى ئىدى. ئارغامچە تارتىش ناھايىتى جىددىيلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، ئاخىر 4 – كەنت ماھىرلىرى 6 كەنتنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  ـــ يېزىمىزدا بۇرۇن بۇنداق پائالىيەتلەر بەك ئاز ئىدى، قىشنى بىز شۇ ئۆيدىن چىقماي ئۆتكۈزىۋېتەتتۇق، ياشلارمۇ تورخانىغا كىرىپ كۈنىنى كەچ قىلاتتى، ھازىر يېزىمىزدا تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدىن كۆپ بېيىدى، ياشلارمۇ بىرتەرەپتىن چېنىقسا بىر تەرەپتىن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان بولدى، بولسا تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسا دەپ ئويلايمەن،- دېدى قارا سۇ كەنتى 3 – مەھەللىسىدىكى ھۆرنىساخان توختى.

  18 – فېۋرال ئىلانلىق يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى زالىدا ياڭرىغان مۇقام ناۋاسى خېلى يىراقلارغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يېزىدىكى ھەرقايسى ئەلنەغمىچىلەر توخسۇن دەر – داغ مۇقامى قاتارلىق يەرلىك مۇقاملارنى ھەرمىللەت تاماشىبىنلارغا ئورۇنداپ بېرىۋاتاتتى.

  ـــ مەن بۇ يەرگە كەلگىلى 4 يىل بولۇپ قالدى، ئەتراپىمدىكى ئۇيغۇر ئاممىسى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن، يېزىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتىم، گېزىتتىن ئۇيغۇر 12 مۇقامى ھەققىدە ئوقۇغاندىم، مانا ھازىر كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن، نومۇرلار بەك ئېسىل،- دېدى مەيداندا ئويۇن كۆرۈپ تۇرغان خەنزۇ دېھقان ليۇ جيەن ماڭا باش بارمىقىنى كۆرسىتىپ.

  شۇ كۈنى يەنە بوستان يېزىسىدا 2 – نۆۋەتلىك توخسۇن نانلىرى بايرىمى ۋە كەشتىچىلىك ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

  ـــ 14 – فېۋرال باشلانغان توخسۇن ناھىيەسىنىڭ «باھار يامغۇرى» زامانىۋى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى توخسۇن دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىيەت «ئۇسسۇزلۇقى» نى قاندۇردى، - دېدى ناھىيەلىك پارتىكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزاسى، ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى رىزۋان ياسىن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ ماڭا،- بىز بۇندىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، دېھقانلارنى زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن تېخىمۇ قوراللاندۇرىمىز، تەرەققىي قىلغان، مەدەنىي توخسۇن قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز