باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلاردىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتىدۇ

2014.02.21 11:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تولۇقسىز ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلىش سانى جەھەتتە تارىختا يېڭى پەللە يارىتىپ، سانى 300 مىڭدىن ئاشقان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس ماھارەت مەھكىمىسىنىڭ مەسئولى مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئېلىمىزگە قايتىپ كېلىشى تېزلىكتە ئاشتى.» سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 1 مىليۇن 100 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئالدىنقى ئوتتۇز يىل ئىچىدە ئېلىمىزگە قايتىپ كەلگەن ئادەم سانىنى ئۈچ قاتلاپ، ھەر يىلى %36 ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر