باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختىدىكى قالايمىقانچىلىقتا 400 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى(1)

2014.02.20 16:20   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختىدىكى قالايمىقانچىلىقتا 400 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى(1)

  ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كېيىفتا 18-فېۋرال يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن ھەربىي ساقچى ۋە مۇخبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 كىشى قازا قىلدى، 388 كىشى يارىلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، رۇسىيە، جۇڭگو قاتارلىقلار ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زوراۋانلىق قانلىق توقۇنۇشنى توسۇپ، كىرىزىسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سەمىمىي سۆزلىشىشنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ھەمدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، بىراق نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش قالايمىقانچىلىق ۋە قانلىق توقۇنۇشىدىن ساقلىنىش ئىكەنلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  رۇسىيە 19-فېۋرال كېيىفتىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشنى قاتتىق ئەيىبلىدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئاخبارات كاتىپى مۇنداق دېدى: رۇسىيە رەھبەرلىرى، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار توقۇنۇشقا پۈتۈنلەي مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ ھېسابلىدى. رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتىدىن سىياسىي ئۆزگىرىش ياساش سۇيىقەستىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دېگەن سۆزلەرگە رەددىيە بېرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئىلگىرى ھەمدە ھازىرمۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىغا ھەرقانداق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكلىپ بەرمىگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ تەكلىپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…
      ·باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسز دەرستىن سىرتقى پائالىيەتتىن بەھرىمان بولىدۇ
      ·پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…