باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر 5-خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلىنى يولغا قويدى

2014.02.20 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق تۇرمۇش قۇرۇلۇشى يىلىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى يېقىندا باشلاندى. بۇ يىل يولغا قويۇلىدىغان 5-خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى پائالىيىتىگە 61 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 25 خىل 150 تۈردىكى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىلانلاندى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيەنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتكەن چىقىمىنىڭ ئاممىۋى مالىيە ئومۇمىي چىقىمىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %73 كە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى، جەمئىي 480 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلىندى، ۋەدە قىلغان نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى ئۆز مۇددىتىدە نەقلەشتۈرۈلدى. بۇ يىلقى تۈر ئۇدا نەچچە يىل يولغا قۇيۇلۇۋاتقان خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، تۇرالغۇ كاپالىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۈرلەر خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساسىي شەرت، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ئاخىرقى نىشان قىلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىككىچە كېڭەيتىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر