باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىدىن بۇيان 5884 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى

2014.02.19 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 18-فېۋرال مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىنى خەۋەرلەندۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەر قايسى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى پائال تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، 5884 تەكلىپ بەرگەن، 5403 تەكلىپنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، نۆۋەتتە 5396 تەكلىپكە جاۋاب بېرىلگەن، جاۋاب بېرىش نىسبىتى %99.8 كە يەتكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەكلىپ بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان 174 ئورۇن تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل بېجىرگەن، بۇ تەكلىپلەردىكى نۇرغۇن پىكىر-تەكلىپلەر قوبۇل قىلىنغان ھەم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى، تەرەققىيات پىلانى ياكى تارماقلارنىڭ خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رول ئوينىغان.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن گەن مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي كېڭىشى تەكلىپ سۈپىتى ۋە بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى باش لىنىيە قىلىپ، تەكلىپ خىزمىتىنىڭ نەزەرىيەسى، خىزمەت، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر