باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى

2014.02.20 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەمەلدارى 8 – فېۋرال ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ دېڭىز چېگراسىغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، ئىراننىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ئامېرىكا دېڭىز تېررىتورىيەسىگە يېقىنلاشقان. ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىيى ئامېرىكىنى ساختىپەز، دەپ ئاشكارا ئەيىبلىگەن، ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يەنە ئىران ئارمىيەسى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنى بومباردىمان قىلغان تەقلىدىي كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسەتكەن. بۇ ھەرىكەتلەر ئىراندا ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئىراننىڭ ھەربىي پاراخوتى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز چېگراسىغا يېقىنلاشتى

  ئىران دېڭىز ئارمىيەسى شىمالىي فىلوتىنىڭ قوماندانى خادداد 8 – فېۋرال ئىران – ئىراق ئۇرۇشى باشلانغانلىقىنىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مۇنداق دېگەن: ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر قانچە پاراخوتى جەنۇبىي ئافرىقا ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئاتلانتىك ئوكيانغا يۈرۈپ كەتتى. ئىراننىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ئامېرىكا دېڭىز چېگراسىغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

  خادداد بۇ سەپەرنىڭ مەقسىتى، پاراخوتنىڭ سانى ۋە تۈرىنى ئاشكارىلىمىغان. چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل يانۋار، ئىراننىڭ بىر قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن بىر توشىغۇچى پاراخوتى ئابباس پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا يۈرۈپ كەتكەن. بۇ ئىككى ھەربىي پاراخوتتا ئادەتتىكى خادىملاردىن باشقا يەنە دېڭىز ئارمىيەسى ئىنستىتۇتىنىڭ 30 دەك ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا بۇ سەپەر ئۈچ ئاي دەپ بېكىتىلگەنىكەن.

  ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 5 – فىلوتى بەھرەينگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پارس قولتۇقىدا ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ ئارقىلىق بۇ رايوندىكى دېڭىز قاتنىشىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن. لېكىن، ئىران پارس قولتۇقىنى ئۆزىنىڭ «ئارقا ھويلىسى» بىلىپ كەلگەن. شۇڭا، بۇ رايوندا تەسىر كۈچۈمنى زورايتىش ھوقۇقۇم بار، دەپ قارايدۇ. ئىران ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم ئىران ھۇجۇمغا ئۇچرىسىلا، ھورمۇز بۇغۇزىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ھامىنىيى: ئامېرىكا ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىش پۇرسىتىنى كۈتىۋاتىدۇ.

  ئىسرائىلىيە مېدىيالىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران يۇقىرىقى خەۋەرلەرنى مەقسەتلىك تارقاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى، 8 – فېۋرال ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىيى مۇنداق دېگەن: مۇمكىن بولسا ئامېرىكا ئىران ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن بولاتتى، ئامېرىكىنىڭ ئەزەلدىنلا ئىراننى تىزگىنلەش ۋە ئىراننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئويى بار. شۇ كۈنى ھامىنىيى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىران ھاكىمىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئويى يوق، دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان. ئەگەر، ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلگەن بولسا، ئىككىلەنمەي ھاكىمىيىتىمىزنى ئاغدۇرۇۋەتكەن بولاتتى.

  ھامىنىيى ئىران يادرو مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بەزى ئىبارىلەر بىلەن ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىدى: «دۈشمەن» بىلەن سۆھبەتلەشكەندە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرساقمۇ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي جەھەتتە، سىرتقا تايانماي، ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز، جازانى بىكار قىلىشقا بەك چوڭ ئۈمىد باغلىماسلىقىمىز كېرەك. ئىران ئەمەلدارلىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئىچكى ئىشلىرىدا مۇستەقىل بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. ئامېرىكا ئىراننى تىزگىنلەشكە ۋە ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغاچقا، ئامېرىكىغا بولغان پوزىتسىيەرىمىزدە ئۆزگىرىش بولدى.

  ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنى بومباردىمان قىلىش تەقلىدىي كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى

  «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 8 – فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 7 – فېۋرال بىر ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتقان، بۇنىڭدا ئىران ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قانچە مۇھىم شەھەرلىرى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىنى، شۇنداقلا، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسىنى بومباردىمان قىلغان تەقلىدىي كۆرۈنۈشلەر بار ئىكەن.

  «دېڭىز بۈركۈتىنىڭ قاباھەتلىك چۈشى» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسى ھامىنىيىنىڭ 2011 – يىلى بىر ھەربىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى ئىكەن.

  ھامىنىيى ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق دېگەنىكەن: ئىران ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ قورچاقلىرى، شۇنداقلا، يەھۇدىي قىساسچىلىقى ھاكىمىيىتى شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، ئىران ھەر قانداق ھۇجۇم ۋە خىرىسنى بىتچىت قىلالايدۇ.

  مۇقەددىمىگە يەنە جەڭگىۋار مۇزىكىنىڭ تەڭكىشىدە، ئىراننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشلىرى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى ۋە يادرو ئۈسكۈنىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان كۆرۈنۈشلەر، كەينىدىن يەنە ئىراننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھورمۇز بوغۇزىغا قايتىپ كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى بومباردىمان قىلغان، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي بازىسىغا توغرىلانغانلىق كۆرۈنۈشلىرى كىرىشتۈرۈلگەن.

  «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» مۇنداق دېگەن: بۇ ھۆججەتلىك فىلىم شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئىراننىڭ ئامېرىكىغا قارشى گەپ ـ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى زور.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر