باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆزگەرگەن، ئۆزگەرمىگەن نۇقتىلاردىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر (1)

2014.02.27 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013 – يىلىنى ئەسلەيدىغان بولساق، بۇ بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلدى؛ ئىقتىساد ئىككى خانىلىق سان بويىچە مۇقىم ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 22 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئون ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون قاتارىدىن ئورۇن ئالدى؛ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، 100 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلار سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ھەر بىر پىلان، ھەر بىر تۈر، ھەر بىر سىياسەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتنى ئاسانلا بىلىۋالالايمىز، ئۇ بولسىمۇ مەركەزدىن يەرلىككىچە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، ھەرقايسى مىللەت، ھەرقايسى كەسىپتىكى ئامما شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىن بولۇش، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىدە ئىزچىل چىڭ تۇردى.

  ئۆزگەرگەن نۇقتا: ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، قۇرۇلما تەڭشىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى

  ئۆزگەرمىگەن نۇقتا: ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئەقلىي ھالقىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇلدى

  ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۈرۈمچىنىڭ غەربىدىكى كەڭ كەتكەن ئوچۇقچىلىققا قارايدىغان بولساق، گىرەلىشىپ كەتكەن كەڭرى يوللارنى، قاتار – قاتار سېلىنغان زاۋۇت بىنالىرىنى ۋە يېشىللىققا پۈركەنگەن باغچىلارنى كۆرەلەيمىز. بۇ يەرگە ‹‹دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك›› كارخانا قاتارىدىكى ئون نەچچە كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئورۇنلاشقان بولۇپ، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ھەر خىل مەھسۇلاتلار مەملىكىتىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونى قۇرۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان، مەملىكەت دەرىجىلىك كەسىپلەر رايونى بولۇپ، 2013 – يىللىق سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ‹‹100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپلەر رايونى›› بولۇپ قالدى. رايون باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى خېزۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ۋولكىسۋاگىن›› ئاپتوموبىل گورۇھى، كوكاكولا گۇرۇھى ۋە ‹‹سەنيى›› ئېغىر سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 4000 كارخانا بۇ كەسىپلەر رايونىدىن ئورۇن ئالدى، ئاپتوموبىل، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پولات – تۆمۈر، يېمەك – ئىچمەك كەسپىدىن ئىبارەت تۆت كەسىپ توپى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرغانلىقى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتىنى ياخشىلىغانلىقى، ئىچكى جانلاندۇرۇش كۈچىنى كۈنسېرى زورايتىۋاتقانلىقىنىڭ كارتىنىسى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئالتە يىل ئۇدا ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، سانائەتتە نېفىت سانائىتىگە تايىنىۋېلىشتەك پايدىسىز ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، نەتىجىدە نېفىت سانائىتىدىن باشقا سانائەتلەرنىڭ 2013 – يىلىدىكى كۆلەمدىن ئاشقان سانائەتلەرنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %80تىن ئاشتى، سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2009 – يىلىدىكى %40 تىن %60كە يېقىنلىشىپ، سانائەت ئېشىشىدىكى ئاساسلىق يېتەكچى كۈچكە ئايلاندى.

  شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېڭ يۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئەقلىي ھالقىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر