باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى تولۇق، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

2014.02.27 18:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى تۈرلۈك ئۇرۇق، ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تۈرى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولۇپ، ئورىيا، بىرىكمە ئوغۇت قاتارلىق تۈرلۈك ئوغۇتلارنىڭ ئوتتۇرىچە پارچە سېتىلىش باھاسى ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەن بولدى.

  ناھىيەلىك بازار تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى ئۇرېيانىڭ ئوتتۇرىچە پارچە سېتىلىش باھاسى 1750 يۈەن/توننا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 تۆۋەنلىگەن. بىرىكمە ئوغۇت (مەنجىياڭخوڭنىڭ تەركىبى %40)نىڭ ئوتتۇرىچە پارچە سېتىلىش باھاسى 2400 يۈەن/توننا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 تۆۋەنلىگەن. سۇلياۋ يوپۇق (㎜0.008 )نىڭ ئوتتۇرىچە پارچە سېتىلىش باھاسى 13000 يۈەن/توننا، ئوخشاش مەزگىلدىكى باھاسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن. بازار ئۇتۇش ئۈچۈن، بۇ يىل نۇرغۇن يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرى سېتىش مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېلېفۇن ئارقىلىق مال زاكاز قىلىش، ماللارنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش، مەھسۇلاتقا ۋەدە بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، دېھقان دوستلارنىڭ ئىشەنچىلىك، خاتىرجەم مال سېتىۋېلىشى ئۈچۈن قولايلىق ياراتتى.

  يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ناھىيەلىك سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ، مال باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا قارىتا مال باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتىدە مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش، مال باھاسىدا ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىرگە يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ مال باھاسى ئەھۋالىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقى قوغدىدى. (ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر)

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر