باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

Yadishop ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇلدى

2014.02.27 18:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: شىنجاڭ «يادىكار» ئوقەتچىلىك گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ھۆل – قۇرۇق مىۋىلىرى، دورا ماتېرىياللىرى، مىللىي ئۆرۈپ – ئادەت بۇيۇملىرى ۋە مىللىي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلەندۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ يېنىك سانائەت، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مۇھىت ئاسراش ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ۋە بېزەش ماتېرىياللىرى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، رەقەملىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈش ئاساسىي مەقسىدىدىكى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ــــ Yadishop ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 26 – فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  شىركەت باش لېدىرى ئابدۇۋەلى زۇنۇن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان غەربىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ تور سودا سۇپىسى ــــ Yadishop ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىدا توردىن مال سېتىۋېلىش، توردا تېز سۈرئەتتە مال يەتكۈزۈش، ئەمەلىي سودا دۇكانلىرى بىلەن توردا بىرلا ۋاقىتتا سودا قىلغىلى بولۇش، ئىستېمالچىلارغا ئەڭ قولايلىق سودا پۇرسىتى يارىتىش بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز.

  ئىگىلىشىمچە بۇ يىل ئىچىدە Yadishop ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى تور تاللا بازارچىسى 700 گە يەتكۈزۈلۈپ، جەمئىيەتكە 3 مىڭدىن 5 مىڭغىچە خىزمەت ئورنى يارىتىلىدىكەن.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر