باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە يېزا ئىگلىك ئىختىساسلىقلار ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلدى

2014.02.27 18:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاۋات ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى يېزا ئىگلىك تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرى ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، خىزمەت ئورنى، ئۇنۋانى، كەسپىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى قاتارلىقلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرى ئۇچۇر ئامبىرى 18 نەپەر تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە مۇتەخەسىس 4 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە مۇتەخەسىس 6 نەپەر. تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئاساسلىقى كېۋەز، بۇغداي، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىپ باشقۇرۇش، كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلش-يوقىتىش، يەر ماجىرالىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.

  ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېھقانلار دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا دۇچكەلگەن قىيىنچىلىقلار، مەسىلىلەرنى بىۋاستە تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرىگە ئىنكاس قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. بۇ چارە دېھقانلار بىلەن تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرى ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يوق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ بىۋاستە، كونكرېت ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر)

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر