باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2014.02.26 11:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى 25-چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق يىغىن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 163 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.
بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈش. شۇڭا، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى لايىھەسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپ لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، يىغىنغا چەتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىك لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر