باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىگە دائىر پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى

2014.02.27 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن «شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىگە دائىر پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پىكىر دېيىلىدۇ) مەملىكەت دائىرىسىدە شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورنىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «12-5 يىللىق پىلان»نىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش؛ 2020-يىلىدىن ئىلگىرى، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، جەمئىيەت ياردىمى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق باشقا ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسەتلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇش، ئائىلىدە كۈتۈنۈشتەك ئەنئەنىۋى كاپالەت ئۇسۇلىنىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق ئىجرا قىلدۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندىكى ئاساسىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۈتۈنۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېڭىچە يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر ـ بازار ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈم نامى، سىياسەت ئۆلچىمى، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، ئۇچۇر سىستېمىسى بويىچە «تۆت بىرلىككە كەلگەن» تۈزۈم شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن خەلقنى ئادىللىق بىلەن ئاساسىي كۈتۈنۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئېلىمىز ئىقتىسادىي ـ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ۋە «يېڭى تۆتلىشىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى. بۇ ھەم ۋېرتىكال يۈرۈشۈپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە ھەم شۇنداقلا ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇقىم بولغان ئالدىن پەرىزى، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر